د ئۇ ق ئايروپىلان بۇلاش جىنايىتى ئارتىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 3 ئۇيغۇر ئۈچۈن نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت 11-دېكابىر كۈنى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئايروپىلان بۇلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 3 نەپەر ئۇيغۇر ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسىدىن ئىبارەت ئېغىر جازا بېرىشى خىتاينىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئەڭ قاتتىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتچى دىلشات رىشىت يەنە، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ھەققى تارتىۋېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇلارنى ئاقلىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتنىڭ ئادىل ئېچىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.