خوتەندە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، شۇ جايلارنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ پاسپورت ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يەرلىك دائىرىلەرنى بىئارام قىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.17

يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسى مەخسۇس بەلگىلىمە تۈزۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەرنى ئالدى بىلەن پاسپورتلىرىنى تاپشۇرۇشنى، پاسپورتلىرىنى تاپشۇرمىسا نوپۇس ئالماسلىقنى بېكىتكەن. «ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خوتەن ساقچىلىرىنىڭ مەزكۇر تۈزۈمى، خوتەندىكى بىر قىسىم يېڭى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ تۇرمۇش-ئوقۇش پىلانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق خەۋپى ياراتقان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مۇمكىن قەدەر دۇنيانى ئۇيغۇرغا ۋە ئۇيغۇرنى دۇنياغا كۆرسەتمەسلىك» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. خوتەندە يولغا قويۇلغان مەزكۇر تۈزۈم، خىتاي ھاكىمىيىتى شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندىمۇ، ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق تەدبىرىنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.