خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن قاشتېشى تىجارىتىنى كونترول قىلماقچى

'خەلق گېزىتى'نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەن قاشتېشى كام ئۇچرايدىغان يەرلىك بايلىق. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خوتەن قاشتېشىنىڭ نامىنى چىقىرىش دېگەن نام بىلەن، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى كۆۋرۈك بويىدا، يەر كۆلىمى 570 مولۇق بىر ئورۇندا چوڭ بازار سېلىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ ئارقىلىق خوتەن رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئىدارە قىلمايدىغان تاش بازارلىرىنى بۇ سودا مەركىزىگە توپلىماقچى بولۇۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، قاشتېشىنى پەرقلەندۈرۈش -دەرىجىگە ئايرىش، ئېلىش -سېتىش، پىششىقلاش، كۆرگەزمە قىلىش، ساياھەت ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ چوڭ بازار ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش كونتروللىقىدا بولىدىكەن.