خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە بىر ئۇيغۇر تورخانا ئىگىسىنى مەخپىي سوتلاپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى خوتەندە مەخپىي سوت ئېچىپ، مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇر تورخانا ئىگىسى مۇھەممەت نىيازنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇھەممەت نىياز خوتەن ئايرودرومىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ئۇيغۇر تورخانىسىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئۇ 2007‏-يىلى 6‏-ئايدا قولغا ئېلىنغان.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ، مۇھەممەت نىيازنىڭ 18-ئىيۇل خوتەن «ناۋاغ ۋەقەسى» دىن بىر كۈن بۇرۇن سوتلانغانلىقى، ئۇنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تورخانىدىكى كومپيۇتورلارغا مەخپىي يۇمشاق دېتال ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، دۆلەتنى پارچىلايدىغان تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ساقلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا مۇھەممەت نىياز بىلەن تەڭ يەنە 3 ئادەم قولغا ئېلىنغان. لېكىن مۇھەممەت نىيازغا قولغا ئېلىنغان تۆتەيلەننىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر جازا بېرىلگەن. بىراق دىلشات رىشىت، مۇھەممەت نىياز بىلەن تەڭ قولغا ئېلىنغان ئالغان 3 كىشىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدى.

سوت مەخپىي ئۆتكۈزۈلگەنلىكتىن مۇھەممەت نىيازنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلالىغان-قىلالمىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بېرىلگەن -بېرىلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. شۇنداقلا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇھەممەت نىيازنى 4 يىل تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن سوتلاشتىكى مەقسىتىمۇ ئېنىق ئەمەس.

خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي ئۆكتىچى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئۇلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىنى رەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.