دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت 9 - ئىيۇن بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، " شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىل كۆپ جايلاردا ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىش، باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش مەزمۇندىكى تەشۋىقات ۋارەقلىرى تارقىتىلغان، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىنىپ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىل 2 - ئايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلاپ قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بارماقتا، بۇ جەرياندا خوتەننىڭ ئۆزىدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ئاز دېگەندە 842 نەپەرگە يەتكەن،" دېدى.
دىلشات رىشىتنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلانغان مەزكۇر ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ ئالدى - كەينىدە خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 700 دىن كۆپرەكى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىزلا تۈرمىلەرگە قامالغان.
بۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تۇتۇپ قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خىتاينىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك ئالدى - كەينىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا يەنە، "بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز،" دېدى.