خوتەندىكى ۋەقە شەھەردىكى خىتاي سودىگەرلەرنىڭ تىجارىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىنىڭ خوتەندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ناۋاغ ساقچىخانىسغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، خوتەندىكى سودا-تىجارەت ئىشلىرىغا، بولۇپمۇ خىتاي سودىگەرلەرنىڭ تىجارىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن.

ۋەزىيەتتىكى ئەنسىزچىلىك سەۋەبىدىن، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خوتەن شەھىرىگە كېلىدىغان خىتاي ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭمۇ سانىدا تۆۋەنلەش بولغان. خوتەننىڭ قاشتېشى بازىرىدىكى چۈ فامىلىلىك بىر خىتاي سودىگەر، ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ھەركۈنى 150 مىڭ يۈەنلىك سودا قىلىدىغانلىقىنى، بىر ھەپتىدىن بېرى كۈنلۈك سودىسىنىڭ 2 مىڭ يۈەنگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنە بىر نەپەر خىتاي تىجارەتچىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كۆپ قېتىم تېلېفون قېلىپ، ئۇنى خوتەندىن قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان. يەنە بىر نەپەر خىتاي ئايال خوتەندە ھەقىقىتەن ياخشى پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى، ئەمما شەھەردىكى ئەنسىزچىلىك سەۋەبىدىن بۇ پۇلدىنمۇ ۋاز كېچىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، قاشتېشى بازىرىدىكى خىتاي دۇكانلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئېچىلمىغانلىقىنى كۆرگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇخبىر يەنە خوتەن شەھەر ئىچىدىكى خەلق مەيدانى ۋە چوڭ بازاردا شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇچراتمىغان.