خوتەن ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى ئوخشىمىغان خەۋەرلەر

'مەركىزى ئاگېنتلىقى' نىڭ بۈگۈن خوڭكوڭدىن خەلقئاراغا تارقاتقان خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە قاتتىق زەربەر بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتتە مەمۇرىي تەدبىر قوللىنىپلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي تەدبىرمۇ قوللۇنۇپ، دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان كىشىلەردىن ئېغىر جەرىمانە ئالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاتىنى چەكەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇنداق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى، ھازىر خوتەن رايونىدا جىددىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ۋىدىئو - فىلىم كۆردى، دەپمۇ جازالىغانلىقىنى تەپسلىي بايان قىلدى.

ئەمما خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن خوتەن رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ تارقاتقان خەۋەرلىرى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ خەۋەر تورى' بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خوتەن رايونىدا ئېلىنپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربر بېرىش ھەرىكىتىنى ئەمەس، بەلكى خوتەندە ئۈرۈك چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، گۈزەل چوكانلار بەس - بەستە رەسىمگە چۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ 'شىنخۇا خەۋەر تورى' مۇ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خوتەن رايونىدا ئېلىنپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربر بېرىش ھەرىكىتىنى ئەمەس، بەلكى كېريە ناھىيىسىدە ئۇيغۇرلار ئۆي - ھايۋانلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇ مۇسابىقىدە قوشقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش ناھايىتى قىزىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.