د ئۇ ق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى خوتەندىكى زەھەرلىنىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى 19-ئاۋغۇست خوتەن گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

19-ئاۋغۇست كۈنى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسى سانجۇ يېزىسىدا 200گە يېقىن ئادەمنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەلۇماتلىرىدا ۋەقەنىڭ تېخى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئاپتوموبىللارنىڭ توڭلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇيۇقلۇقى قاچىلىنىدىغان باكقا قاچىلانغان پارچە ئاچچىقسۇنى ئىستېمال قىلغانلىقى سەۋەبىدىن زەھەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

رادىئومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا ئاچچىقسۇ قاچىلانغان باك خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر خىمىيە زاۋۇتىنىڭ سانائەت كىسلاتاسى قاچىلاشتا ئىشلىتىلگەن باكلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

چەتئەللەردىكى دورىگەرلىك ھەم خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەمنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا زەھەرلىنىپ ئۆلۈشىگە شۇ خىل يېمەكلىكتە تەركىبى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغان ھەم يېتەرلىك مىقداردىكى زەھەر بۆلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىقسۇنىڭ سانائەت سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان باكقا قاچىلىنىشىلا شۇنچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.