خوتەن ۋالىيسى دىنىي زاتلاردىن 'ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيىسىز كادىرلىق' ۋەزىپىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان

خوتەن ۋالىيسى جۈرئەت ئىمىن دىنىي زاتلاردىن "ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيىسىز كادىرلىق" ۋەزىپىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، بۇ تەلەپلەرنى 15 - سېنتەبىر خوتەن ۋىلايىتىدە چاقىرىلغان دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

خوتەن ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر كۇرسقا خوتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 160 دىنىي زات قاتناشقان.

جۈرئەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن "دىنىي زاتلار ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىشى كېرەك."

ئۇ يەنە، دىنىي زاتلاردىن "ئالاھىدە بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيىسىز كادىرلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئىزچىل يۈرگۈزۈش، دىننى ئاكتىپ ھالدا سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقا قاراپ يېتەكلەپ، دىننىڭ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش" قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەربىيىلەش كۇرسىدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاچقان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" نىڭ روھىنى "ئەستايىدىل ئۆگىنىش، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي سىياسىتى، خوتەننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش" قاتارلىقلار ئاساسلىق تېما سۈپىتىدە ئۆگىتىلىدىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى خىتاي دائىرىنى دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.