"خوتەن ھۆكۈمەت تورى" دا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇقتۇرۇش، مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى چىقىرىلغان. ئۇقتۇرۇشنى خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتى تارقاتقان.
ئۇقتۇرۇش، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تارقاتقان "كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى ۋە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى قوغداش چارىسى" سەرلەۋھىلىك 33 - نومۇرلۇق بۇيرۇقنىڭ 5 - ماددىسىغا ئاساسەن چىقىرىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر 33 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتا، تور ئەھلىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق "قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە، ئاساسىي قانۇننى بۇزۇش، دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىشى " غا يول قويۇلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ۋە 10 ئايدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.
بۇ ھەقتىكى يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي كۆرۈلۈشكە باشلىدى.