ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا خوتەن شەھىرىنىڭ لايقا يېزىسىدا مانا مۇشۇ خىل ۋەقە يۈز بەرگەن. خوتەن شەھىرىنىڭ چاقا يېزىسىدىكى جېلىل نۇرى ئىسىملىك بىر پېشقەدەم شوپۇرنىڭ ئوغلى خېلىل جېلىل ئىككى دوستى بىلەن لايقا يېزىسىغا كەلگەندە، بۇ يېزىدا ئۇزۇندىن بېرى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر قاۋاقخانا خوجايىنى بىلەن جېدەللىشىپ قالغان. جېدەلدە قاۋاقخانا خوجايىنى بولغان ئەر - ئايال خىتاي دۇكاندار ئۆلگەن.
ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار خوتەن ۋىلايىتىدە كەڭ - كۆلەملىك ئۆي ئاختۇرۇش ۋە يول توسۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، يەرلىك خەلقنىڭ نورمال ھاياتىغا دەخلى يەتكۈزگەن.
يېزا ئاھالىلىرىدىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خېلىل جېلىلنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى، خوتەندە ئولىمپىك مەزگىلىدىكىدىنمۇ بەكرەك جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. نۆۋەتتە خېلىل جېلىل تۇتۇلغان بولسىمۇ، خوتەندە بۇ ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەنسىزچىلىك تېخى تۈگىمىگەن.