خوتەن دىيارى قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

12 - مارت جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئېلى خوتەن دىيارى قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، قۇم بوران جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر ئاز پەسەيگەن بولسىمۇ، پۈتۈن شەھەرنى قۇم توزانلىرى قاپلىغان. بوران ئۇچۇرۇپ كەلگەن توزانلارنىڭ قويۇقلۇقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا پۈتۈن يۇرتنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، قۇم بوراننىڭ قاپلاش دائىرىسى 500 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغان. يەرلىك ھاۋارايى ئىدارىلىرى قۇم بوراننىڭ 16 - مارتقىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنگەن.

خوتەن دىيارى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېكىگە جايلاشقان بوستانلىق يۇرتلارنىڭ بىرى. بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ خىتاي بىڭتۇەنلىرىگە بۆلۈۋېتىلىشى ئەتراپىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ۋەيران قىلىپ، قۇم كۆچۈش ھادىسىسىنى ئېغىرلاشتۇرغان. نەتىجىدە خوتەن دىيارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ خوتەندە قۇم بوران ھۇجۇملىرى كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان.