ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، خوتەندە رېستۇرانلارنىڭ رامىزاندا تىجارەتنى توختىتىشىنى چەكلىدى

خوتەن ۋىلايەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن ۋىلايەتلىك بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى رامىزان ھارپىسىدا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، خوتەن تەۋەسىدىكى رېستۇرانلارنىڭ رامىزان ئېيى مەزگىلىدە تىجارەتنى توختىتىشىنى چەكلىگەن.

يەرلىك رېستوران ئىگىلىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خوتەن مىللىي ئىشلار كومىتېتى ۋە بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە رېستوران ئىگىلىرىدىن رامىزان جەريانىدا تىجارەتنى توختاتماسلىققا تىل خەت ئالغان.

مىللى ئىشلار كومىتېتى ۋە بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىدا رامىزاندا تىجارىتىنى توختاتقان رېستورانلار بايقالسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىر كۈن تىجارەت توختاتقان رېستۇرانلارغا 500 يۈەن، 3 كۈندىن ئارتۇق توختاتقانلارغا 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 6 ئاي پىچەتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

بۇ تەدبىرنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە خاس تەدبىر ئىكەنلىكى ياكى جەنۇبتىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ‏ - ئوبلاستلاردا يولغا قويۇلغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا يەرلىك دائىرىلەر ئاساسەن جەنۇبتىكى ۋىلايەت - ئوبلاستلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ چەكلەش خاراكتېرلىك بۇ خىل تەدبىرىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ "دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇپ، يەرلىك مۇسۇلمانلاردىكى ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرۇش" نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لېكىن خوتەندىكى يەرلىك دائىرىلەر بۇ تەدبىرنى ئاقلاپ، بۇنىڭ ساياھەتچى ھەم ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.