قىرغىزىستاندىن 4200 گرام خرويىن ئېلىپ كىرگۈچى غۇلجىدا تۇتۇلدى

غۇلجا شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى، 28-نويابىر كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 21-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە، قىرغىزىستاندىن ئېلىپ كىرىلگەن 4200 گرام خرويىننى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ساقچى دائىرىلىرى ھازىرچە خرويىن ئېلىپ كىرگۈچىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-11-29
Share

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 11-ئاي ئىچىدىلا غۇلجا شەھىرىدە خىرويىن ئەتكەسچىلىكىگە دائىر ئىككى چوڭ دېلو پاش قىلىنغان. نۆۋەتتە قىرغىزىستاندىن ئېلىپ كىرىلگەن بۇ خرويىندىن باشقا يەنە 18-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق، غۇلجا شەھىرىگە زور مىقداردا خىرويىن يۆتكەلگەن بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى بۇ خرويىننىڭ مىقدارىنى ئاشكارىلىمىغان.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ھەم پاكىستان چېگراسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ خىرويىن ئېلىپ كىرىلگەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خرويىننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۆلۈپ كەتكەن شۇنداقلا ئوكۇل يىڭنىسىنى كۆپلىگەن زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ شېرىكلىشىپ ئىشلىتىشى سەۋەبلىك، ئەيدىز قاتارلىق كېسەللەر ئۇيغۇر ئېلىدە يامرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت