خىتاي خەۋەر تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 11-ئاي ئىچىدىلا غۇلجا شەھىرىدە خىرويىن ئەتكەسچىلىكىگە دائىر ئىككى چوڭ دېلو پاش قىلىنغان. نۆۋەتتە قىرغىزىستاندىن ئېلىپ كىرىلگەن بۇ خرويىندىن باشقا يەنە 18-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق، غۇلجا شەھىرىگە زور مىقداردا خىرويىن يۆتكەلگەن بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى بۇ خرويىننىڭ مىقدارىنى ئاشكارىلىمىغان.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ھەم پاكىستان چېگراسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ خىرويىن ئېلىپ كىرىلگەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خرويىننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۆلۈپ كەتكەن شۇنداقلا ئوكۇل يىڭنىسىنى كۆپلىگەن زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ شېرىكلىشىپ ئىشلىتىشى سەۋەبلىك، ئەيدىز قاتارلىق كېسەللەر ئۇيغۇر ئېلىدە يامرىغان ئىدى.