خۇ جىنتاۋ 'خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمەن' دەپ جاكارلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.09.08
2010.09.08
ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىلىرىنىڭ خىتاينى بۇ قېتىمقىدەك توساتتىن زىيارەت قىلىشى ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان ۋەقە ئىدى. خۇ جىنتاۋ ئادەتتە بۇنداق دەرىجىدىكى چەتئەل ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشمەيتتى.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغانلىقى، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى تېخىچە كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك يىرىكلىشىش پەيدا بولغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈنمۇ 'خىتاي ئەمدى خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق بېسىمنى قوبۇل قىلمايدۇ' دەپ جاكارلىغان ئىدى.
تەھلىلچىلەر، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىغان، ھازىر بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئويلىنىش ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇھىم بولۇپ قالغان ئىدى.