خۇ جىنتاۋ تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قازاقىستان سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 13 - دېكابىر كۈنى تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادقا يېتىپ كېلىپ، تۈركمەن پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا بىر قاتار كېلىشىملار ئىمزالاندى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملار ئىچىدە خىتاي تەرەپنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن يولۇچىلار پويىزى ۋاگونلىرىنى سېتىۋېلىشى ھەمدە تۈركمەنىستاننىڭ ئالاقە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆۋەن پىرسەنت بىلەن قەرز بېرىش پۈتۈشۈمى بار ئىكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋ قۇربانگۈل بەردى مۇھەممەدوف بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىتىشنى تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ نورمال خىزمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خۇ جىنتاۋ قۇربانگۈل بەردى مۇھەممەدوف بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە يەنە كونا تېما "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە ئورتاق زەربە بېرىش مەسىلىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان بولۇپ، ئۇ، "ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرى رايوندىكى ھەر قايسى مەملىكەتلەرنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت، جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى خالايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ قېتىم يەنە خىتاي تەرەپ ئىككى مەملىكەتنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ھەر يىلى تۈركمەنىستانغا بېرىۋاتقان 45 كىشىلىك خىتاي تەرەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى 90 كىشىگە كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پرېزىدېنت قۇربانگۈل بەردى مۇھەممەدوفمۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە خۇ جىنتاۋنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە باغلىق بولۇپ، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش كېلىشىمى بار. دۈشەنبە كۈنى تۈركمەنىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئاشخابادتا خىتاي، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.