خۇ جىنتاۋ يەنە، مەخسۇس 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنى "چەتئەلدىكى ۋە چېگرا ئىچىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ پىلانلىق ئېلىپ بارغان، ئۇرۇپ - چېقىش، ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش زوراۋانلىق ھەرىكىتى" دەپ تەكىتلىگەن ھەمدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى تىنجىتىشقا قاتناشقان ھەم ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي قوراللىق ئەسكەر، ساقچى قىسىملىرىغا رەھمەت ئېيتقان.
خۇ جىنتاۋ مەخسۇس دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كادىرلارغا يەنە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يادرو قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، جەمئىيەت مۇقىملىقنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىك، ھەر مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا تەۋرەنمەسلىكتەك ئۈچتە تەۋرەنمەسلىك ئىدىيىسى بويىچە ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنى، مۇقىملىقنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتكەن.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن پەيتتە، خۇ جىنتاۋ 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ئىتالىيىدە زىيارەتتە ئىدى، ۋەقە يۈز بەرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان خۇ جىنتاۋ يىغىن پىلانىنى بىكار قىلىپ دەرھال خىتايغا قايتقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە ئەسكەر كىرگۈزۈش بۇيرۇقى بەرگەن.
خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى بۇ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ئىنتايىن قاتتىق بىخەتەرلىك ۋاسىتىلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ زىيارىتى خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئۈچ كۈندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان، قىسقا ئۇچۇرلاردىن كېيىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.