مەكتۇپتا بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد ھەمكارلىق سۆھبىتىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى خۇ جىنتاۋغا ئەسلىتىلگەن؛ ئەسلەتمىدە، ئىككى تەرەپنىڭ شۇ قېتىمقى سۆھبىتىدە، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر مەكتۇپتا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ پائالىيىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىللە، پائالىيىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان 20 نەپەر خىتاي ئادۋوكاتنىڭ تىزىملىكى سۇنۇلغان.
بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋغا مەكتۇپ يوللىغان پالاتا ئەزالىرى Frank WolfK، Walt Minnick قاتارلىق كىشىلەر بولۇپ، بۇلار ئۆتكەن يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە 100 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇسنىڭ تىزىمىنى يوللاپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلغان ئىدى. مەلۇمات تەلەپ قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار ئىچىدە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى كېرەم ئابدۇۋەلى قاتارلىق 50 كە يېقىن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭمۇ تىزىملىكى بار ئىدى.
