زىڭ جىڭيەن خوڭكوڭدا چىقىدىغان " ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېگەن: " ساخاروف مۇكاپاتى خۇ جيا بىر كىشىگە بېرىلگەن مۇكاپات بولۇپلا قالماستىن بەلكى جۇڭگودىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە بېرىلگەن مۇكاپات شۇڭا مەن فوندى جەمئىيەت قۇرۇش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىش شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ بۇ ئائىلىلەرگە بولغان دىققىتىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن."
ياۋرۇپا پارلامېنتى بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىنى خۇ جياغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيىتىنى تەقدىرلەشنى قارار قىلغان ئىدى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە خۇ جيا 50 مىڭ ياۋرۇ بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
زىڭ جىڭيەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ پاسپورتى ئاللىقاچان خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ چەتكە چىقىپ ھەمراسى خۇ جياغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىنى چەكلىگەن ئىكەن.