خۇ جيانىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا لايىق نامزات ئىكەنلىكى خىتاينى غەزەپلەندۈردى

ئوسلو خەلقئارا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى شتايىن تونەنسوننىڭ بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىىسى خۇ جىياغا بېرىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى باياناتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى" ئەگەر بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بىر خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىسىگە بېرىلسە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇردى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىيۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، " خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر مۇكاپاتنى قارشى ئالمايدۇ. نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى دۇنيادا تىنچلىقنى ھەقىقىي قوغدىغان بىر كىشىگە بېرىلىشى كېرەك،" دېگەن.

ئوسلو خەلقئارا تىنچلىق ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى شتايىن تونىنسون ۋە ئوسلو ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جاننې ھالەند ماتلارىي بايانات ئېلان قىلىپ، تۈرمىدىكى خىتاي دېموكراتىيە ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جىيانى 2008‏ - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئۈچ يىلدىن بىرى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى 10‏ - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.