خۇبېيدىكى نامايىشتا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار تونۇشتى

بىر يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ساقچىخانىدىكى سىرلىق ئۆلۈمى سەۋەبلىك خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە پارتلىغان نامايىشتا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى.

خىتايدىن چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقىت» گېزىتىنىڭ شەنبە كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇبېي ئۆلكىسى لىچۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رەن جېنشىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىشىغا قارىشى چىققاندىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، رەن جېنشىننىڭ 4-ئىيۇن ساقچىخانىدا ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن. بېزىلەر رەننىڭ تاياق زەربىسىدىن ئۆلگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان 1 مىڭ 500 ئەتراپىدا ئامما 9-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغان يىغىلىپ، نازىرلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرغان.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشنى «قانۇن بويىچە بېسىقتۇرغان» لىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم تور بەتلىرىدە نامايىش ھەققىدە ئېلان قىلىنغان رەسىملەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى نامايىشچىلارغا زوراۋان ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەن ۋە نامايىشچىلارنى كالتەك-توقماقلار بىلەن ئۇرغان.

خىتايدا شەھەرلەرنىڭ كېڭىيىشى ۋە سانائەت بازىلىرىنىڭ يېزىلارغا يۆتكىلىشى سەۋەبلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرى ئەرزان باھادا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، شىركەتلەرگە يۇقىرى باھادا سېتىش ھادىسىسى ۋە شۇنىڭغا يانداشقان نارازىلىق نامايىشلىرى ھەر يىلى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

بۇ خىلدىكى يەر ئىگىلەش ۋەقەلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېلى ۋادىسىدىمۇ ئۆتكەن بىر نەچچە ئايلاردىن بۇيان بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.