خۇبېي ئۆلكىسىدە ئىككى ئۇيغۇر ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خۇبېيدىكى بېيۋۇشۆ شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بۇ شەھەردە يۈز بەرگەن خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۇرغان بىر ۋەقەنى ئاشكارىلىدى.

ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى ۋۇخەن شەھىرىدە، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۇرغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئاز دېگەندە بىر ئۇيغۇر ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان يەنە بىر ئۇيغۇر دوختورخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.

سەيشەنبە كۈنى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار توپلىنىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي ساقچىلىرى بۇنىڭغا قاتناشقان ئادەملەرنى تۇتۇپ كەتكەن.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن بېيۋۇشۆ شەھىرىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىشكە تىرىشتى. ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى مۇخبىرىمىزغا قوپال مۇئامىلە قىلىپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

ئۆزىنى نەق مەيداننى كۆرگەن ئوقۇتقۇچى دەپ تونۇشتۇرغان يەنە كىشى مۇخبىرىمىزغا 'بۇ ۋەقەدە ئىككى ئادەم ئۆلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى ھازىر بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىلىرىدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ' دېگەن.

بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېقىن جايدىكى بىر مېھمانخانا خادىمى مۇخبىرىمىزغا 'ۋەقە دەسلەپ بالىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش-جېدەلدىن باشلانغان. ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى ھازىر ساقچىلار مېھمانخانىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ' دەپ بايان قىلغان.