خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ ۋە باش مىنىستىر ۋالدىمىر پۇتىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.
بۇ يىل رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ «ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى توشقان يىلدۇر.
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ «ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» 1950-يىلى 14-فېۋرال كۈنى يوسىف ستالىن بىلەن ماۋ زېدۇڭ ئارىسىدا تۈزۈلۈپ، جوۋ ئېنلەي بىلەن ئاندرېي ۋىشىنسكىي ئىمزا قويغان «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» نىڭ مۆھلىتى توشۇپ، 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن بىلەن خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن ئارىسىدا 2001-يىلى، 16-ئىيۇل كۈنى موسكۋادا ئىمزالانغان يېڭى شەرتنامە ئىدى.
خۇ جىنتاۋ 10-ئىيۇن كۈنى رۇسىيە مەتبۇئاتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 10 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خۇنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا ئۇ مېدۋېدېۋ بىلەن بىرلىكتە سانكتپېتېربۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-خىتاي ئىقتىسادىي مۇنبىرىگە قاتنىشىدىكەن.
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىزچىل تۈردە بىر-بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىش، خىتاي رۇسىيىنىڭ چېچېنىيىدىكى ھەرىكەتلىرىنى قوللاش، رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنى قوللاش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە، شۇنىڭدەك مەزكۇر نۇقتىلار ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتلىرىدىن ئىزچىل تۈردە ئورۇن ئالماقتا.