"جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتى"دە خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي مۇھىت قوغداش مىنىستىرلىكىدىكى يادرو ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە توشۇش بۆلۈمنىڭ دىرېكتورى شياۋ مىڭچاڭ ئاشكارىلىغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر زاۋۇتنى قۇرۇش پىلانى، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ فرانسىيە زىيارىتى جەريانىدا خىتاي بىلەن فرانسىيە يادرو ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ياسىلىدىغان، مەزكۇر يادرو قالدۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ زاۋۇت ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ زاۋۇتتا خىتايدىن چىقىدىغان يادرو ئەخلەتلىرى بىر تەرەپ قىلىنىپلا قالماي، خىتاي چەتئەللەردىكى چوڭ يادرو رېئاكتورلىرىدىن ئىمپورت قىلغان ئەخلەتلەرمۇ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىلدىكى زاۋۇتلار ئىنتايىن زور مىقداردا سۇ ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دېڭىز بويىغا يېقىن جايلارغا ياسىلىدىكەن. ھالبۇكى خىتايدا زاۋۇتنىڭ سۇسىز چۆلگە ياسىلىشى تولىمۇ غەلىتىلىك ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ خىلدىكى زاۋۇتلارنىڭ مۇھىت ۋە سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان ئەكس تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، باشقا جايلاردا ياساش رۇخسەتنامىسى ئېلىش ئىنتايىن قىيىنغا توختايدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھەتتا خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرى مەزكۇر زاۋۇتنىڭ ئۆز رايونىغا قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرغان.
ئىلگىرى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ يادرو ئەخلەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىغا كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى. ھالبۇكى، شياۋ مىڭچاڭ زاۋۇتنىڭ كونكرېتنى زادى قەيەرگە ياسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن.