ئامېرىكا يادرو قوراللار تەجرىبىخانىسىدا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش چەكلەندى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى لوس ئالاموس دۆلەتلىك يادرو قوراللار تەجرىبىخانىسىدا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.08

ۋېكى پىدىئادىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى لوس ئالاموس دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسى 1943-يىلى قۇرۇلغان. بۇ تەجرىبىخانىدا 1945-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى تەتقىق قىلىپ ياسالغاندىن بۇيان، بۇ يەر خەلقئارادىكى مۇھىم ھەربىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇ تەتقىقات مەركىزىدە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 10مىڭ 400 نەپەر خىزمەتچىسىدىن باشقا يەنە، 2 مىڭ 800نەپەر توختاملىق خىزمەتچى ئىشلەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا لوس ئالاموس دۆلەتلىك يادرو قوراللار تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئىنتېرنېت ئەسلىھەلىرى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى خۇاسەن ئۇچۇر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇ شىركەت خىتاينىڭ خۇاۋېتي شىركىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەلۇم پەن-تېخنىكا شىركىتى تەرىپىدىن ھەمكارلىشىپ قۇرۇلغان ئىكەن. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا خىتايدىن كېلىدىغان ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقىغا دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر 11-ئايدا ئامېرىكا ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى دوكلات يوللاپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىدا تەھدىتى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.