روبېرت گەيتىس خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللار قوماندانلىق شتابىنى كۆزدىن كەچۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتىس ئۆتكەن يەكشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتايدا ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى خىتايدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ كېيىنكى زىيارەت قەدىمى ياپونىيىدۇر.

روبېرت گەيتىس خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بەرگەنلىكىگە قېيىداپ، ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىسىنى توڭلاتقاندىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى. ئۇ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقان ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

گەيتىس چارشەنبە كۈنى خىتايدىن ئايرىلىشتىن سەل بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپ ھەربىي ئالاقىسىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە دائىر بەزى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

روبېرت گەيتىسنىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ چارشەنبە كۈنى خىتاي ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللار قوماندانلىق شتابىنى زىيارەت قىلغانلىقىدۇر. روبېرت گەيتىس خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللار قوماندانلىق شتابىنى زىيارەت قىلغان ئاز ساندىكى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن بۇرۇن سابىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىدىن دونالد رامسفىلد 2005‏-يىلى بېيجىڭنىڭ چىنخې رايونىدىكى مەزكۇر قوماندانلىق شتابىنى زىيارەت قىلغان.

ئوبېرت گەيتىس خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن سەل بۇرۇن خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى چوڭچىڭ شەھىرىدە خىتاينىڭ يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان رادارغا چۈشمەيدىغان كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى كۆرگەزمە قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغاپ، بۇنىڭ بىر ھەيۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىشى نورمال خىزمەت تەرتىپىدىكى ھادىسە دېگەن.