لېكىن چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۇجۇمنى كىملەرنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ۋە خاككېرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسەت - مۇددىئاسى ئۆزلىرىگە مەلۇم ئەمەسكەن.
چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى تور بېكىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى يېقىندىن بېرى يۈز بەرگەن خىتاي خاككېرلىرىنىڭ چەتئەل تور شىركەتلىرى، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مىساللىرىدىن بىرىدۇر. بۇ جەرياندا ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ Yahooدىكى ئېلخەت ساندۇقى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
يېقىندا باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى Yahoo تور شىركىتى خىتاي ۋە تەيۋەندىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ Yahoo تور ئېلخەت ساندۇقى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئۆكتىچى زاتلار ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بۇ يىل 1 - ئايدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا Google شىركىتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ Google دىكى ئېلخەت ساندۇقى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.