ياپونىيە خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەھەتتىكى ئىقتىدارسىزلىقىدىن نارازى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى يېقىندا ئېلىپ بارغان راي سىناشتا، ياپونىيە خەلقى ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ خەلقىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىدىن نارازى ئىكەنلىكى بايقالدى.

ياپون خەلقى ئالدى بىلەن ئۇچۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ يەر تەۋرەش-دېڭىز تېشىش ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن خەلق ئۈچۈن ئاپەتتىن قانداق قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن نارازى ئىكەن.

گەرچە خەلق ھازىر ۋەتەننى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن باجنى ئۆرلىتىش چارىسى قوللىنىشقا رازى بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ۋەتەننى قايتىدىن قۇرۇش ھەققىدىكى ئىلمىي تەدبىرلەرنى دەرھال ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتقانلىقىدىن يەنىلا نارازى ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نائوتوكان ھۆكۈمىتى ھازىر ياپونىيە خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ھازىر بۇنداق بېسىم ئاستىدا ئىستېپا بېرىشكە يۈزلەنمەكتە.