ياپونىيە كيۇتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «MITSUBISHI» شىركىتى 9-ئايدا 2340 دانە ئاپتوموبىل ساتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 9.62 پىرسەنت ئاز سېتىلغان. «FUJI» شىركىتى 1857 دانە ئاپتوموبىل ساتقان بولۇپ، ئۇنىڭ سودىسى 5.64 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن «TOYOTA» شىركىتى خىتايدىكى ئاپتوموبىل سودىسىنىڭ 9-ئايدا 50% چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ ئەھۋالنى يېقىندا يۈز بەرگەن خىتايدىكى ياپونىيىگە نارازىلىق ۋەقەلىرى ۋە ياپونىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ياپونىيە ئاپتوموبىل سودىسىنىڭ بۇنداق شىددەتلىك چۈشۈپ كېتىشى تاسادىپىيلىق، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياپونىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
نۆۋەتتە ياپونىيە بىر تەرەپتىن، سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا. ياپونىيە تەپتىش دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كاتىپى لى چۇنگۇاڭنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتايغا قېچىپ كەتكەن لى چۇنگۇاڭ جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. جۈمە كۈنى يەنە، ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كوجى سۇروكا ش ج ئا ئە مۇنبىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئاراللار مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن تىنچ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.