كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ياپونىيىدىكى كونسېرۋاتىپلارنىڭ مەزكۇر پارتىيىگە بولغان قوللاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ يىل ئاۋغۇست ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلغان باش ۋەزىرلىك سايلىمىدا، ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسى غەلىبە قىلىپ، 50 يىلدىن بېرى ياپونىيىدە ھوقۇق تۇتۇپ كەلگەن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنى قوللايدىغانلار نىسبىتى 30 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن.
ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، سابىق مالىيە مىنىستىرى ساداكۇزۇ تانىگاكى بۇ يىل سېنتەبىردە مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان.
ياسۇكۇنى بۇزۇكگاھى، ياپونىيە ئىمپېرىيە ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغاچقا، بۇ جاينى تاۋاپ قىلىش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە بېسىۋالغان خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى چۈنچىرو كىئۇزۇمى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ياسۇكۇنى بۇزۇكگاھىنى كۆپ قېتىم تاۋاپ قىلغان ۋە نەتىجىدە ياپونىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىر نەچچە قېتىم يىرىكلەشكەن ئىدى.