بۇ يىل سېنتەبىردە ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسى سايلامدا غەلىبە قىلىپ ياپونىيە باش ۋەزىرى بولغان ۋە ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھاتوياما، ھىندىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان 1998 - يىلى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ياپونىيە بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇپ ھىندىستانغا قارىتا چەكلىمە سىياسىتى يولغا قويغان ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن ياپونىيە - ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن.
ھاتوياما شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇل سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا بىر ئىقتىسادىي گەۋدە ھاسىل قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھىندىستان ھاتويامانىڭ بۇ پىلانىدىكى ھىندىستاننىڭ ئورنىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
ھاتوياما ئالدى بىلەن بومباي شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان ۋە ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم سودىگەر، شىركەت خوجايىنلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىڭ بىلەن ئۇچراشماقچى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھاتوياما بۇ نۆۋەت ھىندىستان دائىرىلىرى بىلەن ياپونىيە - ھىندىستان سودا مۇناسىۋەتلىرى، يەرشارى كىلىمات مەسىلىسى ۋە رايون تىنچلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن.