ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كۆك تاشلىق كىتاب ئومۇمىي بايان، كورىيە، ئامېرىكا، خىتاي قاتارلىق تۆت چوڭ مەزمۇنغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كىتابتا ياپونىيىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە باشلامچىلىق رول ئوينىشىنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
كۆك تاشلىق كىتابتا ياپونىيە بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يلدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بايان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھەربىي ھازىرلىقلار مەلۇماتىدا يەنىمۇ ئوچۇق - يورۇق بولۇش تەلەپ قىلىنغان. كۆك تاشلىق كىتابنىڭ ياپونىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قىسمىدا، ياپونىيىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقى، بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىم، تىنچ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.كۆك تاشلىق كىتابنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قىسمىدا، ياپونىيىنىڭ شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىمجۇڭئېل ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى شىمالىي كورىيە ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.