جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرىمۇ يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، شىمالىي كورىيىنىڭ راكېتا ئاساسىي گەۋدىسىنى سىناق مەيدانىغا يۆتكەپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
شىمالىي كورىيە ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتا سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيىگە قىلماقچى بولغان يېمەكلىك ياردىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاقسارايدىن بېرىلگەن باياناتتا شىمالىي كورىيىگە، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان ۋە قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنىڭ نەگە كېتىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر شارائىت ئاستىدا ياردەم بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.
نۆۋەتتە ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيىلەر شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ سىنىقىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارماقتا. بۈگۈن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەنتاگوننىڭ گېنېرالى شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ راكېتا بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھۇجۇم قوزغىيالايدىغان ئىقتىدارنىمۇ يېتىلدۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.