رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېموكراتىك پارتىيىنىڭ غەلىبىسى يېرىم ئەسىر ئەتراپىدا ھاكىمىيەت سۈرگەن ۋە پارلامېنتتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان بولۇپ، پارلامېنتىكى 480 كىشىلىك ئورۇننىڭ 300 دىن ئارتۇقىنىڭ بەلكى دېموكراتىك پارتىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىدە دېموكراتىك پارتىيىدىن كېلىپ چىققان باش ۋەزىر يېقىندا ھۆكۈمەت تەشكىللەيدۇ ھەمدە ياپونىيە يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىدىكەن.
ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسى ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆستۈرۈش، ھازىرقى كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ، ياپونىيىنى يېڭى تەرەققىياتقا باشلاش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشى ياپونىيىنىڭ نۆۋەتتىكى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىن ئەھۋالى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، كۆپ سانلىق ياپونلۇقلار ئۇلارغا ئاۋاز بەرگەن.