تەڭرىتاغ تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ليۇ جژچېڭ بىلەن پىچان ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ياسىن ئەلى 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن، ياپونلار ئىئانە قىلغان 1 مىليون 180 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ۋە 800 دانە قول كومپيۇتىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
ياپونىيە ئەلچىخانىسى بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئىككى ئەمەلدارىغا بۇ پۇلنى ۋە ماددى بۇيۇمنى، قەشقەر كونىشەر ناھىيىسىنىڭ تاشمىلىق يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن پىچان ناھىيىسىنىڭ ئاياللار - بالىلار دوختۇرخانىسىغا بىۋاستە بېرىلگەن ئىئانە دەپ بەرگەن.