ۋيېتنام باش مىنىستىرى نگۇيەن تاندۇڭ 'ۋيېتنام بۇ قېتىم ياپونىيىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي شېرىكى قىلىپ تاللىۋالدى. ھازىر ياپونىيە بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا 5 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە سىرەك توپا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق، يەنى ياپ - يېڭى بىر تارىخى دەۋر باشلاندى' دەپ جاكارلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھازىرغا قەدەر ياپونىيىگە سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشنى ئۈكسۈتۈپ قويغانلىقىدىن ئىزچىل ھالدا تېنىۋېلىپ تۇرماقتا. ئەمما ياپونىيىنىڭ 31 شىركىتى، خىتاينىڭ سىرەك توپا ئېكىسپورتىنى ئۈكسۈتۈپ قويغانلىقىنىڭ دەلىل -ئىسپاتلىرىنى كۆرسەتتى.