بۇ ۋەقە خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىپ، خىتاي ياپونىيە بىلەن بولغان مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنى توڭلاتقان. ۋېن جياباۋ پەيشەنبە كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ياپونىيىگە تەھدىت سالغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كاپىتانىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئوتتۇرىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رولىنى ئوينىشىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي تەرەپ، 4 نەپەر ياپونىيىلىك ساياھەتچىنىڭ شىجياجۇئاڭدىكى بىر ھەربىي ئەسلىھەنى سۈرەتكە ئالغانلىق سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياپونىيىلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ياپونىيە تەپتىش دائىرىلىرى خىتاي بېلىقچىلار كېمىسى كاپىتانىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن سەل بۇرۇن يۈز بەرگەن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ياپونىيىلىك ساياھەتچىلەرنىڭ شىجياجۇئاڭدىكى چەكلەنگەن بىر ھەربىي دائىرىگە رۇخسەتسىز كىرىپ، سۈرەتكە ئالغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياپونىيىلىك ساياھەتچىلەر بۇ رايونغا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئارمىيىسى قالدۇرۇپ كەتكەن خىمىيىلىك قوراللارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتايدا تۇتۇلغان بۇ ياپونىيىلىكلەر فۇجىتا ناملىق قۇرۇلۇش ۋە شەھەر تەرەققىيات شىركىتىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، مەزكۇر شىركەت "ئۇلارنىڭ تېزرەك قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى"نى بىلدۈردى.