نائوتو كان بۇ سۆزلەرنى يېقىندا ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىغا يېقىنلاشقان بىر خىتاي بېلىقچىلار كېمىسىنى تۇتۇپ قېلىپ، قويۇپ بەرگەن، خىتاي بولسا 4 نەپەر ياپونىيىلىك ساياھەتچىنى چەكلەنگەن رايونغا كىرگەنلىك سەۋەبىدىن تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 3 ساياھەتچىنى جۈمە كۈنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە تەكىتلىگەن.
يۇقىرىقى ۋەقەلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىپ، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. باش مىنىستىرى نائوتو كان مۇنداق دېگەن" بىز خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى مەخپىي تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىدىن شۇنداقلا ئۇنىڭ شەرقىي ئاسىيا دېڭىزى ۋە ھىندى ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي پائالىيىتىدىن ئەندىشە قىلىمىز" ... "بىز خىتاينىڭ توغرا رول ئوينىشىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەزاسى بولۇشىنى كۈتىمىز."
خىتاي ھۆكۈمىتى بېلىقچىلار كېمىسىنى تۇتۇپ قېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ خىتايدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.
ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە ساياھەت قىلىدىغان خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئاگاھلاندۇردى. دائىرىلەر ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات مىللەتچى گۇرۇھلارنىڭ ياپونىيىدە ساياھەتتە بولۇۋاتقان بىر گۇرۇپپا خىتاي ساياھەتچىگە پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ياپونىيىگە ساياھەت قىلىشتىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان.
ياپونىيە باش مىنىستىرى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە دېڭىزدىكى پائالىيىتىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېخارا جۈمە كۈنى ئەسكەرتىپ، خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگقا ئېشىكىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى بىلدۈردى.