ياپونىيە دائىرىلىرى ئارال مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى

24 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىككى بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە - خىتاي ئارىسىدا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان ئارالغا يېقىنلاشقان بولۇپ، نەتىجىدە، ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە ئېتىراز بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.10.25

ياپونىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشىتو سېنكاكۇ دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: "تۈنۈگۈن كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىمىز بۇ كېمىلەرنى بايقىغان. كېيىن، بۇ خىتاي كېمىلىرى بۇ يەردىن ئايرىلىپ، شىمالغا بۇرۇلۇپ خىتايغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن."

ياپونىيە خىتاي ئارىسىدا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان مەزكۇر ئارال، شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا جايلاشقان بولۇپ، ياپونىيە سېنكاكۇ، خىتاي دياۋيۈ ئارىلى دەپ ئاتايدۇ.

مەزكۇر ئارال مەسىلىسىدىكى تالاش - تارتىش بۇ يىل سېنتەبىردە، ياپونىيە دائىرىلىرى سېنكاكۇغا يېقىنلاشقان خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئېلىپ، 17 كۈن تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن تېخىمۇ جىددىيلەشكەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى دېياڭ شەھىرى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرىدە ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان.

شەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ تاكاماتسۇ شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشقا 300 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئارال مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار تۈپەيلى ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.