ياپونىيە بىلەن خىتاي 44 خىل ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى

خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ياپونىيە پايتەختى توكيودا خىتاي - ياپونىيە ئېنېرگىيە تېجەش ھەمكارلىق يىغىنى داۋاملاشقان بولۇپ، 24 - ئۆكتەبىر كۈنى ئىككى دۆلەت 44 خىل ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، كارخانا باشلىقلىرى ھەم ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 1100 ئادەم قاتناشقان.

ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا سېنكاكو ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە پاراخوت ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىنى ئىزچىل تۈردە تەنقىد قىلغان ئىدى.

ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللار ئىچىدە ئەڭ ناچار ئەھۋالدا بولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى خادىملىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرىنىڭ توكيوغا كېلىپ، مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىپ، ياپونىيە تەرەپ بىلەن 44 خىل كېلىشىم تۈزۈشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق قەدەم بېسىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئېنېرگىيە تېجەش ھەمكارلىق يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغان ياپونىيە ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئوخشاش مەزمۇندا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مەلۇم زىددىيەتلەر بولسىمۇ، بىراق ھەمكارلىقنىڭ يەنىلا مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.