ياپونىيە بىلەن خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.11.27
2009.11.27
لېكىن ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇكىئو خايوتاما ۋە ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى توشىمى كىتازاۋا ياپونىيىدە زىيارەتتىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلېيدىن خىتاي ھەربىي سېلىنمىسى ۋە ھەربىي تەرەققىيات مەقسىتىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لياڭ گۇاڭلېي بىلەن كىتازاۋا خىتاي - ياپونىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ دېڭىزدا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشىغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىتازاۋا، "مەن ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىزدا مانېۋىر ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى چۈشىنىش ۋە بىر - بىرىگە ئىشىنىش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى دەپ قارايمەن" دېگەن. لياڭ گۇاڭلېي بولسا، تەرەپلەرنىڭ ئويلىغانلىرىنى تارتىنماي ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى بارلىقىغا قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لېكىن كىتازاۋا كېيىنرەك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ لياڭ گۇاڭلېيغا خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ياپونىيىگە ئوخشاش ئاشكارا بولۇشىنى، جۈملىدىن مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا ھەربىي سېلىنما ۋە قورال - ياراقلارغا ئائىت تەپسىلىي دىتاللارنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كىتازاۋا لياڭ گۇئاڭلېيغا يەنە، ئەگەر خىتاي ھەربىي سېلىنما ۋە قورال ياراقلىرىنى ئاشكارا تۇتمىسا، بۇ باشقىلاردا گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.