بىرلەشمە تارىخ گۇرۇپپىسى 10 نەپەر ياپونىيىلىك تارىخچى ۋە 10 نەپەر خىتاي تارىخىچىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار 3 يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ئەسىردىن ھازىرقى زامانغىچە بولغان ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەت تارىخىنى يېزىپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
لېكىن تارىخ گۇرۇپپىسىدىكى ياپونىيىلىك تارىخچىلار بىلەن خىتاي تارىخچىلار "نەنجىڭ ۋەقەسى"گە قانداق باھا بېرىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىگەن.
تارىخ گۇرۇپپىسى پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا تەرەپلەر نەنجىڭ ۋەقەسىگە باھا بېرىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي تەرەپ ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 1937 - يىلى نەنجىڭ ۋەقەسىدە 300 مىڭ پۇقرانى قىرغىن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى. يىغىندا خىتاي تەرەپنىڭ مەسئۇلى، خىتاي ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ھازىرقى زامان تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بۇ پىڭ " نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېلېمېنت سان ئامىلى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچتۇر" دېگەن. بۇ پىڭ، بۇ ساننىڭ 1945 - يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئېچىلغان نەنجىڭ ۋە ئىتتىپاقداش ئەللەر سوت كوللىگىيىسىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن ياپونىيە تەرەپنىڭ مەسئۇلى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شىنىچى كىتاۋكا، بۇ پىڭنىڭ قارىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىتتىپاقداش ئەللەر قۇرغان ياپونىيىنى جازالاش مەقسىتىدىكى "نەنجىڭ ۋە توكيو سوت كوللىگىيىسى قوبۇل قىلغان بۇ ساننىڭ كېلىش مەنبەئەسىدە مەسىلە بارلىقىغا ئىشىنىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.