ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى "سېنكاكو ئارىلى ياپونىيىنىڭ زېمىنى، بۇ مەسىلىدە ئەپۇ سوراش ۋە تۆلەم تۆلەش مەسىلىسىنى ئويلاشمايمىز، مەن بۇ ھەقتە پۈتۈنلەي ئىنكاس قايتۇرۇش نىيىتىدە ئەمەس" دەپ تەكىتلىگەن.
25 - سېنتەبىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سېنكاكو ئارىلى مەسىلىسىدە قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈپ، سېنكاكو ئارىلىنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى، شۇڭا ياپونىيىنىڭ تۆلەم تۆلىشى ۋە بۇ قىلمىشى ئۈچۈن جۇڭگودىن ئەپۇ سورىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ جاۋابى يېقىندىن بۇيان ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا كۈچەيگەن ئارال مەسىلىسىگە ئائىت توقۇنۇشتا ياپونىيە تەرەپنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ مەسىلىنى تەكىتلەپ، ياپونىيىنىڭ خىتاي پاراخوتلىرىنى توسۇشىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلغانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەپۇ سوراش ۋە ياكى تۆلەم تۆلەش تەلىپىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى تەكرارلىغان.