ياپون پارلامېنت ئەزالىرى: خىتاي پاراخوتلىرى ياپون پاراخوتىنى قەستەن سوققان

بۈگۈن ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتاي بېلىقچى كېمىسى بىلەن ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچى كېمىسىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىگە دائىر سىنئالغۇ لېنتىسى كۆرسىتىلگەن. ياپون دائىرىلىرى لېنتىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن خىتاي كېمىسىنىڭ ياپون كېمىسىنى قەستەن سوققانلىقىنى ئىنتايىن روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7 مىنۇت ئۇزۇنلۇقتىكى سىنئالغۇ لېنتىسىنى كۆرگەن ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي كېمىسىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كېلىپ، ياپونىيە كېمىسىنى قەستەن سوققانلىقىنى، ياپونىيىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ ئىنتايىن ئورۇنلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى ياپون دىپلوماتلار خىتاي كېمىسىنىڭ ئىنتايىن يامان غەرەزلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ سىنئالغۇ لېنتىسى خەلققە ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب سىنئالغۇ لېنتىسىنى كۆرگەن ياپون خەلقىنىڭ غەزەپ پىلتىسىغا ئۇت تۇتۇشۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. ئەمما ياپونىيە خەلقى ئارىسىدا سىنئالغۇ لېنتىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەينەن ئېلان قىلىش ھەققىدە كۈچلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە ياپون مەتبۇئاتلىرىدا مۇنازىرە قوزغالغان.

مەزكۇر كېمە سوقۇلۇش ۋەقەسى 7 - سېنتەبىر يۈز بەرگەن ئىدى. ۋەقەدە خىتاينىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە چارلاش پاراخوتىغا ئىككى قېتىم سوقۇلغان، نەتىجىدە ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە خادىملىرى خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئالغان ئىدى. مەزكۇر ۋەقە ياپونىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرگەن ئىدى.