مىڭلىغان ياپونىيىلىك توكيو شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

شەنبە كۈنى يەنە مىڭلىغان ياپونىيىلىك توكيو شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى. نامايىشقا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىش، خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قەستەن ئۇرۇلغانلىقىغا ئائىت سىن لېنتىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن يۈز بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-11-06
Share

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىشچىلار ياپونىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار شەنبە كۈنى توكيودىكى بىر ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىغا يىغىلىپ ياپونىيە دۆلەت مارشىنى ئوقۇغان.

نامايىشچىلار يەنە، "خىتاينىڭ ئاسىيادىكى مۇشتۇمزورلۇقىنى ئەيىبلەيمىز" دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىنىڭ كېمىسىگە سوقۇلغان لېنتىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاممىغا ئاشكارىلاشتىن ئېھتىيات قىلغان. ھالبۇكى لېنتا باشقىلار تەرىپىدىن "يۇتۇب" فىلىم تورىدا ئاشكارىلانغان.

فىلىمدىكى كۆرۈنۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، كېمىنى تىز سۈرەتتە ھەيدەپ كېلىپ، ياپونىيە قوغدىغۇچى كېمىسىگە قاتتىق ئۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى بۇنى رەت قىلغان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، 30 ياشلىق ماسۇمى يوكۇنى خانىم "فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن بۇنى بىر تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ چۈشەندىم. بىز تېررىتورىيىمىزگە چاڭ سالماقچى بولغان ھەرقانداق بىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك" دېگەن.

بۇ قېتىمقى سېنكاكۇ ماجىراسى، ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە يىرىكلەشتۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.