خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىشچىلار ياپونىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار شەنبە كۈنى توكيودىكى بىر ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىغا يىغىلىپ ياپونىيە دۆلەت مارشىنى ئوقۇغان.
نامايىشچىلار يەنە، "خىتاينىڭ ئاسىيادىكى مۇشتۇمزورلۇقىنى ئەيىبلەيمىز" دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىنىڭ كېمىسىگە سوقۇلغان لېنتىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاممىغا ئاشكارىلاشتىن ئېھتىيات قىلغان. ھالبۇكى لېنتا باشقىلار تەرىپىدىن "يۇتۇب" فىلىم تورىدا ئاشكارىلانغان.
فىلىمدىكى كۆرۈنۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، كېمىنى تىز سۈرەتتە ھەيدەپ كېلىپ، ياپونىيە قوغدىغۇچى كېمىسىگە قاتتىق ئۇرغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى بۇنى رەت قىلغان ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، 30 ياشلىق ماسۇمى يوكۇنى خانىم "فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن بۇنى بىر تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ چۈشەندىم. بىز تېررىتورىيىمىزگە چاڭ سالماقچى بولغان ھەرقانداق بىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك" دېگەن.
بۇ قېتىمقى سېنكاكۇ ماجىراسى، ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە يىرىكلەشتۈرگەن ئىدى.