ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ساپ سۇ يادرو رېئاكتورىنى سوۋۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
ئىلگىرىكى سوۋۇتۇش مەشغۇلاتىغا دېڭىز سۈيى ئىشلىتىلگەن. دېڭىز سۈيىدىكى يۇقىرى تۇز تەركىبى رېئاكتور ئەسلىھەلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشە تۈپەيلى رېئاكتورغا دېڭىز سۈيى چېچىش توختىتىلغان.
نۆۋەتتە ئىشچىلار يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى بارلىق بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا تۇتۇنغان.
11- مارت ياپونىيىنىڭ فۇكۇشىما رايونىدا يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى، مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان فۇكۇشىما دائى ئىچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىدا رادىئاتسىيىلىنىش ۋە سوۋۇتۇش سىستېمىسىدا كاشىلا پايدا قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە ئىستانسىنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسىغا توك ئۇلىنىپ سوۋۇتۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، زاۋۇت ئەتراپىدىكى رادىئاتسىيىلىنىش يەنىلا بېسىقمىغان.