بىر گۇرۇپپا ياپون مىللەتچىلىرى تالاش - تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ يولغا چىقتى

بىر گۇرۇپپا ياپون مىللەتچىلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئولتۇرغان بىر كېمە ئەترىتى شەنبە كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ يولغا چىقتى. ياپونىيە مىللەتچىلىرىنىڭ بۇ سىمۋول خاراكتېرلىك ھەرىكىتى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.


بۇ گۇرۇپپا 8 پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 ئادەمدىن تەشكىل تاپقا بولۇپ، ئۇلار شەنبە كۈنى ئەتىگە سائەت 8:30 دە ئىشىگاكى ئارىلىدىن شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا جايلاشقان سېنكاكۇ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان.

سېنكاكۇ ئارىلى خىتاي تىلىدا «دياۋيۈ ئارىلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ياپونىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئارالنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىقى كېمە ئەترىتى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا بۇنى «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەت» دەپ كۆرسىكەن ۋە بۇنىڭ دەرھال توختىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ نۆۋەتلىك سېنكاكۇ سەپىرى ھەققىدە توختالغان كاناگاۋا رايونىدىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەزاسى كەنىچى كوجىما: مەن بۇ نۆۋەتلىك زىيارەت ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ ئارالنىڭ بىز گە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچى. بۇ ئارال ياپونىيىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كونىدىكى باياناتىدا ياپون پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى «قانۇنسىزلىق» دەپ ئاتىدى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر ئارالغا قارىتىلغان ئىگىدارلىق دەۋاسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.