ياپونىيە دۆلەت ھەربىي خامچوتىنى ئاشۇرماقچى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېڭى باش مىنىستىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4 - ئايدىن باشلاپ، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى 2 % ئاشۇرىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.01.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


مىللەتچىلەر ئېقىمىغا مەنسۇپ باش مىنىستىر شىنزو ئابې ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتىنىڭ قانداق بولۇشى نۆۋەتتە ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكو ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىختىلاپى كۈنسايىن جىددىيلەشكەن ھەمدە شىنزو ئابې بۇ مەسىلىدە يەنىلا ياپونىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بىر قىسىم ئىلغار قوراللارنى، بولۇپمۇ F - 15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپلانلارنى سېتىۋالىدىكەن.

مۇلاھىزىچىلەر ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرىشىدىكى مەقسەتنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، ھازىر تىنچ ئوكيان رايونىدا ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغاندىن تاشقىرى ياپونىيىنىڭ باشقا تىنچ ئويان دۆلەتلىرى بىلەن جىددىي تالاش - تارتىشلىق ئىختىلاپى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.